دۇنيا «ئانا تىل كۈنى» قانداق بارلىققا كەلگەن؟
1999-يىلى 11-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ تەشكىلاتى ئاساسىي يىغىنى رەسمىي ھالدا:2000-يىلىدىن باشلاپ ھەريىلى ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى (International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتكەن. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا ئىنسانلار قوللىنىۋاتقان تىللارنىڭ سانى 7000دىن كۆپ بولۇپ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى بۇ تىللارنىڭ 96%ىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 4%ىگىمۇ يەتمەيدۇ.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999-يىلى قارارنامە ماقۇللاپ رەسمىي ھالدا ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى»قىلىپ بېكىتكەن،بۇ ھەم شۇ يىلقى بېنگال دۆلىتىنىڭ مۇستەق*للىقنى قولغا كەلتۈرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 1952-يىلى بېنگال دۆلىتى پاكىستانغا تەۋە بولۇپ خەلق بېنگال تىلىنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان،شۇ يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنى ساقچىلار بىر توپ نامايىشقا قاتناشقۇچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەم نەق مەيداندا بەش ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.بېنگال دۆلىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ بەش نەپەر «تىل قەھرىمانى»ئۈچۈن ئابىدە تىكلىگەن. «ب د ت»ماقۇللىغان مەزكۇر قارارنامىدە ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىش،ئانا تىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش،تىللارنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە سەرخىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.ئالتە يىل مابەينىدە مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى «كۈلتۈر سەرخىللىقى خىتابنامىسى»،«كۈلتۈر قوغداش ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامنامىسى» ۋە «ئېنتىرنېت بوشلۇقىدا كۆپ خىل تىلدىن پايدىلىنىشنى ئوموملاشتۇرۇش پىكرى»قاتارلىق نىزامنامىلەرنى ماقۇللاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئانا تىلغا بولغان دىققىتىنى قوزغىغان ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان.
مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيا ئانا تىل» كۈنىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك پائالىيىتى بولسا «بىز تىل ئارىسىدا ياشىماقتىمىز-دۇنيا ئاۋازى»ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنى ئېلان قىلىشى بولۇپ مەزكۇر فىلىمدە يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۇنيا تىللىرىغا نەزەر سېلىش،بۇنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە بۇنىڭ شۇ جاي مەدەنىيىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ھەم مۇكەممەللىكىنى قوغداشقا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ئاساسلىق بايان قىلىنغان.1999-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ تەتقىقات تەشكىلاتى 30-قېتىملىق يىغىنىدا ھۇد ئېيى 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ «ب د ت» يەنە 2008-يىلىنى «خەلقئارا تىل يىلى»قىلىپ بېكىتكەن ھەم بۇ ئارقىلىق دۇنيا تىللىرىنى قوغداش ھەم كۈلتۈر سەرخىللىقىنى ۋە ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىنى قوغداشنى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورتاق نىشان قىلغان.دۆلىتىمىزدە «ب د ت»مائارىپ مەدەنىيەت تەرەققىيات مەركىزىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مەركىزىنىڭ تەكلىۋى بىلەن 2006-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئىككى قېتىم دۇنيا ئانا تىل كۈنىگە ئائىت پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولسا «ئانا تىل مائارىپىنى قانات يايدۇرۇش،كۆپ خىل مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش» ۋە «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى نامايان قىلىپ ئورتاق تىنچ دۇنيا قۇرۇش» بولۇپ 2008-يىلىدىكى 29-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا دۆلىتىمىز مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تېمىسىنى «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى نامايان قىلىپ بېيجىڭ ئولىمپىياتىنى بىرلىكتە كۈتىۋىلىش»قىلىپ بېكىتكەن.
سىتاتىستىكا قىلىنىشچە پۈتۈن يەرشارىدا جەمئىي 7000 دىن كۆپ تىل بار بولۇپ بۇ تىللارنىڭ 96%ىنى پەقەت پۈتۈن يەرشارى ئادەملىرىنىڭ 4%ىلا قوللىنىدۇ.مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددى مىراس ئىشلىرى مەسئۇلى سىمىس دۇنيادىكى يېرىمدىن كۆپ تىللارنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى،ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر خىل تىلنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى،ئەگەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلمىسا،يەنە نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن يەرشارىدا پەقەت نەچچە يۈز تىللا قېلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقى،ھەمدە كانادادىكى ئىندىئان تىلىنىڭ ساقلىنىپ قالالىشىنىڭ بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن. بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق ئالىمى جوۋ خەيجۇڭ پروفېسسور مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر تىلى يەرشارىلىشىش،ئېنتىرنىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە يوقاپ كېتىش خەتىرىگە دۇچار بولماقتا،شۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە تىل ساھەسىدىكىلەر ئاكتىپ ھالدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشى،ئاجىز ھالەتتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغدىشى كېرەك.بۇنداق بولغىنىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغىلى شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ھۇد ئېيى 21-كۈنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى بولۇپ 2008-يىلى بۇ پائالىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى تولىمۇ زور بولۇپ «ب د ت» 2008-يىلىنى دۇنيا ئانا تىل يىلى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا بۇ تۈردىكى پائالىيەتنى تەشكىللەشنى ھاۋالە قىلغان.مەزكۇر پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرىلىشى تىلنىڭ ئۆزلۈك قارىشى ۋە توپلۇم قارىشىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغان بولۇپ كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. |